- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپ تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ
2016.03.15 12:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 14-چېسلادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى قىزىل ھىلال ئاي مەيدانى ئەتراپىدا 13-ئاۋغۇست كەچتە ئاپتوموبىل بومبا پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 34 ئادەم قازا قىلدى، 125 ئادەم يارىلاندى.
لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ تېررورلۇق قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ.
لۇ كاڭ: «بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا بىرلىكتە قارىشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر