باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق سۆھبىتى ئاياغلاشتى

2016.03.12 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە تۈنۈگۈن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا يەنە بىر نۆۋەتلىك قەرەللىك سۆھبەتلەشتى. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سايدىك سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا: ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ رامكىسى ئاستىدىكى تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مىنىسكىدا سۆھبەتلىشىپ، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش، مىنا تازىلاش، ئۇل ئەسلىھەنى قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئايرىم-ئايرىم مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تۈنۈگۈنكى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ قەرەللىك يىغىنىدا ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىلىرى ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش بولغان رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇقتۇردى. بېلارۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ شۇ كۈندىكى سۆھبەتكە قاتناشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر