- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە «جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇ ئالماشتۇرۇش يىلى» تەشكىلى كومىتېتى قۇردى
2016.03.12 15:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە ھۆكۈمەت قانۇنچىلىق ئۇچۇر تورى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ھۆججەتكە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ 7-مارت رۇسىيە ھۆكۈمەت يوليورۇقى ئىمزالاپ، 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان «جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇ ئالماشتۇرۇش يىلى» پائالىيىتى تەشكىلى كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. مېدۋېدېۋ رۇسىيە دائىرىلىرىدىن تەشكىلى كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەشكىلىي كومىتېتلىرى بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. مېدۋېدېۋ شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە دائىرىلىرى تەشكىلىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى تەستىقلىغان. رۇسىيە دائىرىلىرى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى مۇئاۋىن زۇڭلى گېلوگرىست ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 40 ئادەمدىن تەركىب تاپقان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، تاراتقۇ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن كەلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر