باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا 462 تەكلىپ يىغىلدى

2016.03.14 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە يىغىننىڭ كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ، ۋەكىللەر بىرلىشىپ سۇنغان تەكلىپتىن 462 نى تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 442، نازارەت قىلىش جەھەتتىكى تەكلىپ 14، يەنە بىر قىسىم قارار بەلگىلەشكە چېتىلىدىغان تەكلىپلەرمۇ باركەن. بۇنىڭدىن باشقا، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يەنە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ئومۇمىيلىقى، "13-بەش يىللىق پىلان" مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەرگەن. يىغىن مەزگىلىدە يىغىن كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسى ۋەكىللەر سۇنغان 8609 پىكىر تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان، نۆۋەتتە ۋەكىللەرنىڭ پىكىر تەكلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن ۋە تارماقلارنى بىرمۇ بىرمۇ ماسلاشتۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر