باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جوڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2016-2015-يىللىق بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

2016.03.14 14:01   مەنبە: خەلق تورى

جوڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2016-2015-يىللىق بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) جوڭگو پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2016-2015-يىللىق A دەرىجىلىكلەر بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى 12-مارت چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى. جوڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى A دەرىجىلىكلەر زال ئىچى بەش كىشىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2003-يىلى تەسىس قىلىنغان يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى زال ئىچى پۇتبول كوماندىسى بۇلتۇر 3-ئايدا قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 8-ئايدا نىڭشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2015-2016-يىللىق A دەرىجىلىكلەر زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن «قەشقەر سودىگەرلىرى پۇتبول كۇلۇبى» شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 12 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، 22 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، 23-ئاپرېل ئاياغلىشىدۇ.

  تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، قەشقەر سودىگەرلىرى پۇتبول كوماندىسى خۇبېي ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئاخىردا 4:5 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم رامۇق مۇسابىقە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مۇسابىقە دەسلەپتە جەنۇبىي جۇڭگودىكى گۇاڭدۇڭ، شېنجىن، ۋۇخەن، داليەن، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن. ھازىر بۇ كوماندىلارنىڭ سەۋىيەسى جوڭگودىكى پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىزنىڭ كوماندا 2015-2016-يىللىق مۇسابىقىدە ساھىبخان سۈپىتىدە 11 مەيدان، مېھمان سۈپىتىدە 11 مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ. بۈگۈن ساھىبخان سۈپىتىدە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەچكە بالىلاردا ئازراق تەمتىرەش بولدى. كوماندىمىزدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەشكىل تاپقان 26 ئەزا بار. كوماندىمىز قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا يەتتە-سەككىز ئاي بولغانلىقى ھەم تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنىڭ ئىلگىرى تۈزۈكرەك بەش كىشىلىك مۇسابىقە ئويناپ باقمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۈگۈنكى نەتىجە تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، ياخشى نەتىجە ئالالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

  قەشقەر سودىگەرلەر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇغېنى ئابدۇشۈكۈر مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول چېنىقىشىنى ئاساس قىلىپ، 2013-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە <ئوغۇل بالا كوماندىسى>نى قۇردۇق. بۇ كوماندا 2015-يىلى 14-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن <كىم پۇتبول شاھى> ۋە 2015-يىلى 28-نويابىر خەينەنداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن <مەن پۇتبولنى سۆيىمەن> مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇلتۇر شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ھەم كەسپىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشتۇق. شىنجاڭدىن ئىبارەت پۈتۈن خەلق پۇتبولنى سۆيىدىغان، ھۆكۈمەت پۇتبۇلنى قوللاۋاتقان مۇشۇنداق بىر ياخشى زېمىندا بەش كىشىلىك مۇسابىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇتبۇلنى كەسىپلەشتۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ، كەلگۈسىدە كەسپىي كۇلۇب قۇرۇش ئۈمىدىمىز بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…