باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى

2016.03.14 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  13-مارت ئېچىلغان ئومۇمىي يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2943 بولۇپ، 2853 كىشى قاتناشتى، 90 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2015-يىلىدىكى فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالىنى بەش جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچىدىن، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك قارىشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىككىنچىدىن، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇق ۋە مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچىدىن، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۆپ مەنبەلىك قانۇن تەلىپىنى تىرىشىپ قاندۇردۇق؛ تۆتىنچىدىن، قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق؛ بەشىنچىدىن، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى مۇنداق يەتتە جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچىدىن، ئەرز – شىكايەتلەرنى تەستىقلاش قاتارلىق فۇنكسىيەمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئىككىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، چىرىكلىشىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق؛ تۆتىنچى، ئەدلىيە پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئادىللىق، ھەققانىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولدۇق؛ بەشىنچى، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئالتىنچى، قاتتىق تەپتىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيەنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق؛ يەتتىنچى، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر