باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.03.13 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-يىغىنى 12-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېننىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شېڭلىننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لياۋ شاۋجۈننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2014-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا ۋاڭ چېننىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش، 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يۇقىرىقى دوكلات، قارار لايىھەلىرىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش لايىھەسى ۋە خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر