خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- مارت، دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىكى تۆت نەپەر قاتىلغا ياردەملەشكەن جىنايەت گۇماندارى سوتتا سوراق قىلىندى. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، كوپېنھاگېن رايونىدىكى بىر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە بىر يەھۇدىي دىنى ئىبادەتخانىسىدا ئايرىم - ئايرىم ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان، بەش نەپەر ساقچى يارىلانغان. ساقچى تەرەپ دەرھال قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 15 - ئىيۇل سەھەردە 22 ياشلىق بىر جىنايەت گۇماندارىنى ئېتىپ تاشلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى