خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، بالىلار سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدا ئوينىماقتا. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى 2011-يىلى 3-ئايدا پارتلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، ئۇدا بەش يىل داۋاملاشتى. ب د ت نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇدا نەچچە يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا، بۇ دۆلەتنىڭ 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى قازا قىلغان، تەخمىنەن 13 مىليون 500 مىڭ ئادەم قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 6 مىليون 500 مىڭ ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان، 2 مىليوندىن ئارتۇق بالا ئوقۇشسىز قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى