خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- مارت، ماشىنا ئادەم «ئالفا قورشاۋ شاھمات» بىلەن لى شېشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىسى كورىيە سېئول تۆت پەسىل مىھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۆتىنچى قىتىملىق مۇسابىقىدە، لى شېشى ماشىنا ئادەم «ئالفا قورشاۋ شاھمات»نى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 1 : 3 گە ئۆزگەرتتى. ماشىنا ئادەم «ئالفا قورشاۋ شاھمات» بەش قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۈچ قېتىم غەلبە قىلدى.
ماشىنا ئادەم «ئالفا قورشاۋ شاھمات»نىڭ يېڭىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار لى شېشىنىڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىپ چاۋاك چالدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لى شېشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: « بۈگۈن مەن بىر مەيدان غەلبە قىلغاندا، كۆپچىلىك مېنى شۇنداق قىزغىن تەبرىكلىدى. بۇنى مەن ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان. بۈگۈنكى غەلىبە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى