- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە پايتەختىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلدى
2016.03.14 14:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئەنقەرە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 13-چېسلا، پايتەخت ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى قىزىل ھىلال ئاي مەيدانىدىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە شۇ كۈنى ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە 27 ئادەم قازا قىلىپ، 75 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنقەرە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى سائەت 18دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى قىزىل ھىلال ئاي مەيدانىنىڭ «ئىشەنچ باغچىسى» يېنىدىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 27 ئادەم قازا قىلغان، 75 ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ساقچى تەرەپ ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇشقا قولايلىق بولۇشى ھەمدە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تالاپەتنى ئازايتىش ئۈچۈن، تۈركىيە زور مىقداردا ھەربىي-ساقچىلارنى چىقىرىپ نەق مەيداننى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنى قامال قىلغان، ساقچى تەرەپنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئاسماندا قاراۋۇللىق قىلغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر