باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق

جاڭ چۈنشيەن ( ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى)

2016.03.14 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

  ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بولۇپلا قالماستىن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، « بەش خىل تونۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىق ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك .

  نامراتلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ «بەش بىر تۈركۈم»، « ئالتە ئېنىق ئۆلچەم»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنى مەركەزلىك يۆلەپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاست بويىچە مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  نامراتلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۆلەشنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. چېگرا بويىدىكى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نۇقتىلىق ئوبيېكتى. شۇڭا « بىرىنچى سەپتىكىلەر چېگرا قوغدىغۇچى، ئىككىنچى سەپتىكىلەر چېگرا مۇداپىئە قىلغۇچى، ئۈچىنچى سەپتىكىلەر خىزمەت قىلغۇچى»تىن ئىبارەت چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، چېگرا سودىسى ۋە ئالاھىدە ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، چېگرا رايوندىكى ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى تېزلىتىش كېرەك. چېگرا قوغدىغۇچى ئاممىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، چېگرا بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چېگرا قوغداشتىكى كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغان ‹‹ ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئورگان كادىرى تۈركۈم بويىچە يىل بويى كەنتتە تۇرۇپ، بارلىق كەنتلەردە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئائىلىلەرگىچە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەملىكىگە پۇختا ئاساس سېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر