باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىنىڭ 92 يېرى ئۆزگەرتىلدى

خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتىن ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى بەلگىلەندى

2016.03.14 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرە پىكرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىنىڭ 92 يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى، «ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى چوقۇم ئىقتىسادىي تەپتىشتىن ئۆتۈشى كېرەك»لىكى ھەققىدىكى بەلگىلىمە قاتارلىقلار كۆپەيتىلدى.

  13-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چياۋ شياۋياڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنى لايىھىسىنىڭ مۇزاكىرە نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر