خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. نەقمەيداندىكى بىر ئۇيغۇر ئايال ۋەكىل زوڭلىغا دوپپا كىيدۈردى. زوڭلى كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سالاملاشتى، ھەربىر ۋەكىل بىلەن قول ئېلېشتى. زوڭلى: «سىلەر ناھايىتى يىراقتىن كەلدىڭلار، ھەربىر ۋەكىل بىلەن كۆرۈشىمەن»، دېدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى