باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

باش شۇجىنىڭ كادىرلارغا قويغان تەلىپى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى

ئىشلەشنى ئويلاش، ئىشلەشنى خالاش ۋە ئاكتىپ ئىشلەش، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشقا ماھىر بولۇش كېرەك

2016.03.13 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كادىرلار خىزمەتتە باشلامچى بولۇپ، ھەم ئىشلەشنى ئويلىشى، ئىشلەشنى خالىشى، ئاكتىپ ئىشلىشى، ھەم قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەسۇرلۇق، ئۆتكۈرلۈك، كۆتۈرەڭگۈلۈكنى ساقلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىيەتنى ئۆلچەم قىلىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا كۈچەش، سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش كېرەك.

  كەنتلەر كەنتلەرنى، ئائىلىلەر ئائىلىلەرنى، ئامما كادىرلارنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئاممىغا ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى ياخشى بېجىرگەندىلا، خەلققە يۈز كېلەلەيمىز. ھازىر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئېغىر، خىزمىتى جاپالىق، تېخىمۇ ئىلمىي رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئىشلەشنى تېخىمۇ ئويلايدىغان، ئىشلەشكە تېخىمۇ ئىنتىلىدىغان قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  -شەنشى ئەنسەي خۇگۇمېن كەنتىدىن كەلگەن ۋەكىل ياڭ فېڭچى

  «خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك». باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق كاپالىتى مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە كۈچىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلارغا قارىتىپ، باشلامچى بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىشى كېرەك.

  -خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن كەلگەن ۋەكىل ياڭ يۈنيەن

  تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن جەزمەن كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىشىمىز كېرەك. ھازىر ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بازارنىڭ رىقابەت كۈچى كەسكىنلەشتى، كارخانىلار تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئىسلاھاتقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشنى كۆزلىشى، تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر