باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشلىرىغا ھاياتى كۈچ قوشتى

2016.03.11 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازىرىدىكى كەشتىچىلىك كوپىراتىپى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 40 نەچچە كەشتە ماشىنىسى توختىماي مېڭىپ تۇراتتى، بىر تەرەپتە ئىشلىنىپ بولغان نەپىس ئاسما گىلەم، ياستۇق، قول سومكىلىرى تۇراتتى، بۇلار قوشنا دۆلەت قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىدى.

  بۇ مەھسۇلاتلار مول مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ناھايىتى قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھازىر كوپىراتىپقا 150 نەچچە دېھقان قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپتىكى 11 كەنتتىكى 500دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يۇرتداشلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. بۇ كوپىراتىپ قورغاس ناھىيەسىكى 34 يېزا بازاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنىڭ بېرى، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قورغاس ناھىيەسىدە ھازىر 1200دىن ئارتۇق دېھقان چارۋىچى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  قورغاس ناھىيەسىنىڭ شىمالى تەڭرى تېغى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، غەربى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بۇ يەر جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسى يەنىمۇ تېزلەشتى، چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈش تېخىمۇ قولايلاشتى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر