باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئايال ۋەكىللەر جاڭ چۇنشيەننىڭ شىنجاڭدىكى ئايال قېرىنداشلارغا خەت يازغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

2016.03.11 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئايال ۋەكىللەر چىرايلىق كىيىنىپ چۈشتىن بۇرۇنقى ئۆمەك يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن، ئۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ئايال قېرىنداشلارغا خەت يازغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكى ۋە رەھمەت ئېيتىش ھېسسىياتىنى قىزغىن ئىپادىلىدى. ۋەكىل خاسىيەت ئېلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئاپتونوم رايون ئايال قېرىنداشلارغا بارغانچە كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇرغۇن ئاياللار ئىشلىرىغا مەدەت بېرىش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى، شىنجاڭدىكى ئاياللار، بالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى، سالامەتلىك، داۋالىنىش، مائارىپ سەۋىيەسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر بىر قانچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق چەت ياقا رايوندىكى يېزا قىزىدىن ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان زامانىۋى ئايال بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جاڭ چۇنشيەننىڭ خېتىدە ئايال قېرىنداشلار ئىلھام بەرگەنلىكى ماڭا ئىلھام بولدى. مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئايال قېرىنداشلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش كۆچۈرۈشىگە، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن. جاڭ چۈنشيەن ئايال ۋەكىللەرنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەش روھى قىياپىتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئايال قېرىنداشلار جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېرىم دۇنيالىق رول ئوينىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاياللار ئىشلىرىغا داۋاملىق يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇنى قوللايدۇ، سىياسىي جەھەتتە كۆپچىلىككە تولۇق كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ياخشى تارقاتقۇچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى ، ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش تۆھپىكارلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن بولۇشىغا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر