باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

پۇقراۋى كارخانا ۋەكىللىرى تەرەققىيات ئىشەنچى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پىكىرلەشتى

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئىشلىرىمىزغا يول يېتەكچى

2016.03.13 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەزالىرىنى يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. يېقىندىن بۇيان، كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە قوللىشى، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «13-بەش يىل» نىڭ ياخشى باشلىنىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىشى، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكى يېز تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، دۆلەتنىڭ باج يىغىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى، پۇل مۇئامىلە تەەرققىياتىنىڭ مۇھىم تايانچى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كۈچى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60 تىن ئاشتى، يىغىلغان باج %50 تىن ئاشتى، يېڭىدىن كۆپەيتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %90 كە يەتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەر تېخىمۇ مۇكەمللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش، يېتەكلەش ساياسىتى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك مىسلى كۆرۈلمىگەن ياخشى سىياسەت مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقا يۈزلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر