باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى، 15 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى

2016.03.11 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 10-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 15 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى دۇ چىڭلىن، لو فۇخې، چېن يۈەن، ۋاڭ جيارۈي، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا. يىغىنغا ما پېيخۇا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

  ئەزا لى يىنىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ھەرىكەت يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەن ئەھۋالدا، تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ چىقىرىش نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەمما قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى جىددىي ۋەزىپە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.

  ئەزا كې بىڭشېڭ مۇنداق دېدى: « 13-بەش يىل»غا يۈزلەنسەك، ئاچقۇچ يەنىلا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنىڭ «ھەممىدىن مۇھىم» ئورنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئاجىزلاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، تەشكىللەشتە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر