باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر، ئەزالار يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.03.13 13:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت-ئىسلاھات تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن نەچچە يۈز مىليون خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدىغان ھاللىق جەمئىيەت. تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە ئىشنى قايسى تەرەپلەردىن باشلاش كېرەك؟ ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان ۋەكىللەر، ئەزالار تونۇشىنى بايان قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى مۇرەككەپ مەسىلە. تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەردىن باشلاش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىسى لىنبى ناھىيەسى گاۋ جۇاڭ كەنتلىك پېڭ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى:مېنىڭچە، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ناھايىتى كونكرېت ئىش، ئالدى بىلەن مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىش كېرەك. كەتتىكى شىپاخانا، يېزا بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى چەكلىك، بىزنىڭ سۇجوۋ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز بىر قەدەر يىراق، شۇجوۋ شەھىرى بىلەن بىر قەدەر يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتچوت قىلىش ناھايىتى ئاۋارىگەرچىلىك، ئاتچوت قىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن.

  نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت، شۇنداقلا، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ جىددىيلىكىنىڭ گەۋدىلىنىشى، ئۆتكەلگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەي جىمىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى نامرات نوپۇس ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ناچار، تەبىئىي ئاپەت كۆپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولغان رايونلارغا مەركەزلەشكەن. نامراتلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا، مۇھىت تېخىمۇ ناچارلاشماقتا،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ زورايماقتا.

  13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لياڭشەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن شۇچېڭ مۇنداق دېدى: لياڭشەن سىچۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. بىزنىڭ 1920 ياردەم بېرىش، يۆلەش خىزمىتى گۇرۇپپىمىز بار، 6 مىڭغا يېقىن خادىم يېزىلارغا بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئائىلىلەرگە كىرىپ دەل جايىدا ئايرىپ، بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت بويىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇ يىل 165 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا تىرىشىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر