خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 9-مارت چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە كېرەكسىز بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان ئىجادىي ئەسەرلەر كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ياسىغان ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياسىغان تۈرلۈك قول ھۈنەر ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىشى نەتىجىسىدە، نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار كېرەكسىز بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ، ياساپ چىققان ئىجادىي ئەسەرلەر كۆرگەزمە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى