خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى) يوپۇرغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى ۋە يەكشەنبەبازار بازارلىق ساقچىخانىدىكى خادىملار 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئوت ئۆچۈرۈش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلەش، ئوت ئۆچۈرۈش مانىۋىرى ئۆتكۈزۈش، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى چۇڭقۇرلاشتۇردى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرنۈش.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى