باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى بىر تۈرمىدە مالىمانچىلىق يۈز بەردى

يۈزدىن ئارتۇق جىنايەتچى ئۇرۇشۇش، ئوت قويۇش، چانىشىشقا قاتناشتى

2016.03.14 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالاباما شىتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر تۈرمىدە 12-مارت مالىمانچىلىق يۈز بەردى. نەچچە يۈز مەھبۇس ۋەقەگە چېتىلىپ قالدى، بەزى مەھبۇسلار تۈرمە ئەسلىھەلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈردى، يەنە بەزى مەھبۇسلار تۈرمە ئىچىدىكى بىر كامىرنى قىسقا ۋاقىت كونترول قىلىۋالدى، تۈرمە باشلىقى ۋە بىر نەپەر تۈرمە ساقچىسى يارىلاندى، بىراق ھېچقانداق مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كەتمىدى.

  ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، مالىمانچىلىقنى بېسىقتۇردى. بۇ ئالاباما شىتاتىدا يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق تۈرمە پاراكەندىچىلىك ۋەقەسى بولۇپ قالدى.

  شىتات باشلىقى روبېرت بېنتېل شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۈرمە سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىپ، كونىراپ كەتكەن ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، يېڭىدىن تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، جايلاردىكى تۈرمىلەرنىڭ قىستاڭچىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر