باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2016.03.14 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 13-مارت چۈشتىن كېيىن جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ليۇ يۈنشەن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تۇزۇمنى ساقلاپ، قاتتىق تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، قاتتىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا كەسكىن بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ دائىم ئاكتىپ ساغلام بولغان تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچتە قاتتىق بولۇش ۋە ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇش كېرەك. ئىككىنى ئۆگىنىش، بىرنى ياخشى ئىشلەش، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە كۆز قاراش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسى گەۋدىلىك مەسئۇلىيتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلاملارغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش ۋە ئىگىلىك يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر