خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد خەۋىرى، پاشاگۈل كېرىم فوتوسى) ھازىر ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە يېتىشتۈرۈلگەن مايسىلارنى سېتىپ چىقىرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، 3- شى 44- تۇەن–مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەن شوخلا، مۇچ قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىنى مەيدان بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشنى باشلىدى. بۇ تۈەندىكى 105 كۆكتات پارنىكىدا يېتىشتۈرۈلگەن 600 مىڭ تۈپتىن كۆپرەك كۆكتات مايسىسى 170 مودىن كۆپ يەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
سۈرەتتە: 18-ليەننىڭ دېھقانچىلىق ئىشچىسى زەينىگۈل ئاۋۇت پارنىكىدا شوخلا مايسىلىرىنى تەييارلىماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى