- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز 2017 -يىلى قۇرۇلۇش كەسپىدىكى خادىملارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ
2016.03.15 13:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا بارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 14- مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ بويىچە ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك بىناكارلىق كەسپى بويىچە « جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش پىلانى»-« بىناكارلىق ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرىدىكەن، بىناكارلىق خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە تولۇق قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ « جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش پىلانى»نى يولغا قويۇشقا باشلىغان ھەم شۇ يىلى يېڭىدىن ئىش باشلىغان قۇرۇلۇش تۈرىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ھەممىسىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان، بۇ تۈر بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 60% تىن كۆپرەككە يېتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدالغان.
2016- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز سېلىنىۋاتقان % 80 تىن يۇقىرى قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 2016 - يىلى بىناكارلىق كەسپىدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ئاپتونوم رايون ئىلگىرىكى خىزمەت ئاساسىدا، يەنە داۋاملىق « جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، بارلىق خادىملارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭىدىن ئىش باشلىغان قۇرۇلۇش تۈرىدىكى خادىملارنىڭ % 80 تىن يۇقىرىسىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 2017-يىلى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر