باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كومى بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.15 12:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن 14-ئىيۇل بېيجىڭدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كومى بىلەن كۆرۈشتى.

  گو شېڭكۈن جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىستىراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلۈدىغان نۇقتىسىنى ھۆرمەتلەپ، تور بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  كومى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر