خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پارتلاپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا ئۇدا بەش يىل داۋاملاشتى. بەش يىللىق ئۇرۇش ئوتى سۈرىيەنى ھەر خىل سىياسىي كۈچلەرنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان خارابىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى؛ بەش يىللىق ئۇرۇش ئوتى سۈرىيەگە ئاچارچىلىق، ئۆلۈم، ماكانسىزلىق ئېلىپ كەلدى. ب د ت نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇدا نەچچە يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بىلەن بۇ دۆلەتتە 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 6 مىليون 500 مىڭ ئادەم دۆلىتىدە سەرگەردانغا ئايلانغان، تەخمىنەن 4 مىليون 500 مىڭ كىشى چەت ئەلگە چىقىپ پاناھلانغان.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرىيە توقۇنۇشى ھەققىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، ئاساسىي جەھەتتىن رىئايە قىلىندى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى. سۈرىيە كىرىزىسى يۈز بەرگىنىگە بەش يىل بولغاندا، سۈرىيە مەسىلىسى تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۋەگە قايتا جەم بولۇپ، «ماھىيەتلىك» تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش نامايان قىلىنغان كىچىككىنە تىنچلىق نۇرىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ھەقىقىي ئۇزاققا سوزۇلغان تىنچلىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى