باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئاقسۇ شەھىرى قۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇلدى

2016.03.15 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى تېخىمۇ تونۇلۇپ، تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؛ ھالقىما تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنىڭ پىشاڭ كۈچى ئېشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىغا بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ».

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىشقا پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش لايىھەسى ۋە يەر نامى قويۇشقا پىكىر ئېلىندى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دىنىي زاتلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلار ئوي- پىكىرلىرىنى ئېيتىپ، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى قۇرۇلىدىكەن، ناھىيە دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇم رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى شەھەرنىڭ رايون ۋە ناھىيەگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، يېڭى تەسىس قىلىنغان ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرىگە ناھىيە دەرىجىلىك بولغان قۇم رايونى ۋە كۇچا، شايار، توقسۇ، باي، ئونسۇ، ئاۋات، ئۇچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىق 8 ناھىيە قارايدىكەن. مەمۇرىي رايونلار تەڭشەلگەندىن كېيىن، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى ۋە قاراشلىق ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ ئەسلىدىكى مەمۇرىي رايون چېگراسى، باشقۇرۇش دائىرىسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار ئۆزگەرمەيدىكەن.

  ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ، شەھەر تەسىس قىلىش ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ خوشاللىنارلىق ئىش، تېخىمۇ بەكرەك دۆلەتنىڭ چېگرا رايوندىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان چوڭ ئىشى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى مەخسۇس ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، نۆۋەتتە ئىلتىماس ماتېرىياللىرى ئاساسەن پۈتكەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونغا يوللىنىدۇ. باشقا خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر