باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئانگولا سېرىق قىزىتمىسىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

2016.03.16 13:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئانگولادا يېقىندا پەيدا بولغان سېرىق قىزىتما يۇقۇمىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئورگانلىرىدىن تەدبىر قوللىنىپ، ئانگولا سېرىق قىزىتمىسىنىڭ ئېلىمىزگە كىرىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئانگولادىن كەلگەن بىر ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر چېگرادىن كىرگەندە، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئورگانلىرىغا سېرىق قىزىتمىدىن ساقلىنىش ۋاكسىنىسى ئەملەتكەن ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئانگولادىن كەلگەن كىشىلەردە قىزىش، سېرىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چېگرادىن كىرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئورگانلىرىغا ئاغزاكى مەلۇم قىلىشى؛ چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دىياگنوز قويدۇرۇش ۋە داۋالىتىش ئۈچۈن، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ھەم دوختۇرغا يېقىنقى مەزگىلدىكى سەپەر تارىخىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر