دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2016.03.16 13:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ تۈنۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
لۇكاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاددىي پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇنداق تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەم يارىدارلاردىن ھال سورايدۇ. بىز بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر