باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا 4248 تەكلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

2016.03.15 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كېچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى جەمئىي 5375 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، 4248 تەكلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن.

  رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 1783، سىياسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپ 445، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتلەردىكى تەكلىپ 269، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتلەردىكى تەكلىپ 1334، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپ 417 بولغان .

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپلىرىدە ئۈچ تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بار ئىكەن: بىرىنچىدىن، تەكلىپ بەرگەن ئەزالار كۆپ بولۇپ، تەكلىپكە قاتناشقان ئەزا 1972 نەپەرگە يېتىپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ 89.1% نى ئىگىلىگەن؛ ئىككىنچىدىن، تەكلىپلەر نىسبىي مەركەزلەشكەن بولۇپ، نۇقتىلىق « 13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئامما ئىگىلىك تىكلەشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر-يېزا، رايونلارنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بېرىلگەن تەكلىپ-پىكىرلەر كۆپ بولغان؛ ئۈچىنچىدىن، تەكلىپلەرنىڭ سانىغا ئەمەس، سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر