باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.03.15 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بولمىغان بولسا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەمەتجان مۇرات ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بولاتتى.

  «پوسكام تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇغان ئىدىم، بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا يەنە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم، بۇنداق ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ۋە مۇھىتنى ياخشى قەدىرلەيمەن» دېدى، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىرۋېرسىتېتىنىڭ توقۇمچىلىق ۋە كىيىم - كىچەك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەمەتجان 10-مارت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچىلار مەبلەغ ياردىمىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، خۇددى مەمەتجان مۇراتقا ئوخشاش ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  جاڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىرى كەم بولماسلىق، بىرى چۈشۈپ قالماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە، بۇ يىل مائارىپ نازارىتى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نوپۇس، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تارماقلار ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ياكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. ھەرخىل ئوقۇش باسقۇچىدا پەرقلىق ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ توغرىلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر