- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل 25 مىڭ ھاجەتخانا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ ۋە كېڭەيتىپ سېلىنىدۇ
2016.03.15 16:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىن بۈگۈن ‹‹خەلق›› سارىيىدا مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزدە ھاجەتخانا يېتىشمەيدۇ، ھاجەتخانىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى جامائەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا. ‹‹ھاجەتخانا ئىسلاھاتى›› داۋاملىق تۈردە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ يىل 25 مىڭ ھاجەتخانا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ ۋە كېڭەيتىپ سېلىنىدۇ، بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش ساھايەت رايونى ئىچى – سىرتىدىكى ھاجەتخانىلارلا ئەمەس، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لى جىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: بۇلتۇر مەملىكىتىمىزدە يېڭىدىن سېلىنغان، ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ۋە كېڭەيتىپ سېلىنغان ھاجەتخانا 22 مىڭ ئىدى، بۇ يىل 25 مىڭدىن ئاشىدۇ، كېلەر يىلى داۋاملىق تۈردە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر