باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئارمىيەنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى

يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش گازارمىدا ئەۋج ئالغۇسى

2016.03.15 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-مارت چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىشنى ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارمىيىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېدى: تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئادەتتىكى ئەسكەردىن ئۆسۈپ ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېرى بولالىشىم، قىسىمنىڭ يۇقىرى ساپالىق يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش دولقۇنىدىن بولغان. ئاساسىي قاتلامدىكى ئەسكەر يېتەكلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، ئۆزۈم باش بولۇپ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يېتەكلەپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەشىق قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىمەن.

  −− 1- جىتۇەنجۈن مەلۇم خىمىيىلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش تۇەنىدىن ۋەكىل لو گاجى

  ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادرولۇق ئامىلى، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ 1-سېپىدە باش شۇجىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا توختىماي تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر يۇقىرى ساپالىق ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيمەن.

  −− ھەربىي قاتناش ئىنىستىتۇتىدىن ۋەكىل ۋاڭ نا

  تور سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھازىرقى، سىياسىي خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىرىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون APPسى بىلەن ئوقۇتۇش سۇپىسىغا ياردەملىشىش ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىپ، تور سىياسىي ئوقۇتۇشىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  −− 54-جىتۇەنجۈن مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىدىن ئەزا شۈ خۇڭگاڭ

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر