باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى پىلان تېزىسىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»نى تارقاتتى

2016.03.15 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى پىلان تېزىسىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. «لايىھە» «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئىلمىي ساپاسىنىڭ ھالقىما ئۆسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ناماياندىسى. «ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بىخەتەر، سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمەت تېمىسىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئېچىۋېتىپ، ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالقىپ، پەن-تېخنىكا مائارىپى ۋە ئۇنى تارقىتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپا خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپا ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  «لايىھە»دە ئېلىمىزنىڭ 2020-يىلغىچە بولغان ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپا خىزمەت نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەن-تېخنىكا مائارىپى ۋە ئۇنى تارقىتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ھازىرقى زامان پۇقرالىرىنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ئۇل ئەسلىھە، شەرت كاپالىتى، ئۆلچەپ باھالاش قاتارلىق سىستېمىلارنى قۇرۇپ چىقىش، ئومۇمىي خەلق ئىلمىي ساپا قۇرۇلۇشىنىڭ جامائەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، پۇقرالار ئىلمىي ساپاسىنىڭ نىسبىتىنى 2015-يىلدىكى ٪6.2تىن ٪10تىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر