- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاچقۇچى
2016.03.16 13:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 14-مارت قەرەللىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بەش نۇقتىلىق يېتەكچى پىرىنسىپ ھاسىل قىلىپ، مىنىسكى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاچقۇچى دېدى.
يېتەكچى پىرىنسىپ يەنە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقتىكى شېرىكلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ؛ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ رۇسىيە بىلەن تاللاپ تۇرۇپ ئۇچرىشىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى مۇغرىنى يىغىندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيە مەسىلىسىدىكى ئالماشتۇرۇشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئەكسىچە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلار ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ مۇزاكىرلەشتى. رۇسىيەنى جازالاش قارالمىسى ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر