باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئونسۇدا ئاياللار بىرلەشمىسى تارقاتقان يۈرۈشلۈك توپلاملار «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش »تە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى(1)

2016.03.16 15:38   مەنبە: خەلق تورى

ئونسۇدا ئاياللار بىرلەشمىسى تارقاتقان يۈرۈشلۈك توپلاملار «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش »تە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئانارگۈل ھامۇت، مۇبارەك مەخمۇت خەۋىرى، فوتۇسى) مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ناھىيەلىرىگە مەخسۇس بېرىپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ نەشر قىلدۇرغان «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە » تېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچە قوش تىللىق تۇرمۇش تۈرىدىكى يۈرۈشلۈك توپلام مەجمۇئەلەردىن «ئاياللار ساغلاملىقىغا دائىر بىلىملەر»،«ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش قوللانمىسى»، «ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ خەتەردىن قوغدىنىش قوللانمىسى»، «لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولايلى» قاتارلىق تۆت پارچە كىتاب ئونسۇ ناھىيەسىدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ۋە ھەرقايسى يېزا-كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ قولغا يەتكۈزۈلدى. ئۇنڭىدىن باشقا ئونسۇ ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بېسىپ تارقاتقان 7500 پارچىدىن ئارتۇق «جەلپكار شىنجاڭ، گۈزەل ئاياللار » تېمىسىدىكى 2016-يىللىق كالېندارنى ئاساسىي قاتلامغا تارقاتتى. بۇ يۈرۈشلۈك توپلاملار تارقىتلىغاندىن كېيىن ئونسۇ ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەممە ئائىلىلەردە كىتاب ئوقۇش، مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت، زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىلىم-پەنگە ئىشىنىش، مەدەنىيەتكە يۈزلىنىش، ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش، مەدەنىي بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ زامانىۋىلىققا يۈزلىنىپ دىندىن خالىي بۇلۇپ، پەن-مەدەنىيەتكە ئىنتىلىپ ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ، توغرا ئەخلاق ئېڭى ۋە ئىدىيەۋى قارىشىنى تىكلەپ ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولدى

  سۈرەتتە: يۈرۈشلۈك توپلام كىتاب ۋە كالىندار، ئاياللار يۈرۈشلۈك توپلام كىتابلارنى كۆرمەكتە .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …