خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) كورلا شەھىرى يېڭشەھەر يېزىسى مەركىزىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن، يېزىغا قاراشلىق ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىكى 1-يىللىقتىن 3-يىللىققىچە بولغان خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس ئۆتۈش مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا، نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى