باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا بازاردا يېنىك كېسەللەرنى داۋالاتسا پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ

2016.03.13 13:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىنىك كېسەللەرنى مەھەللە، يېزا بازارلاردا، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەلەردە داۋالاش، تېخىمۇ ئېغىر كېسەللەرنى شىنجاڭدا داۋالاشتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭنىڭ دەرىجىلەر بويىچە داۋالاش تەسەۋۋۇرى. رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا،چوڭ دوختۇرخانىلاردا كېسەللەر كۆپ بولۇش، مەھەللىلەر، يېزا بازارلاردا داۋالاش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنالماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت.

  12-مارت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئىرزات زادە مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالاشتا ئالايلۇق، زۇكام، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان بىمارلارنى مەھەللە، يېزا بازارلىق شىپاخانىلاردا داۋالىغىلى بولىدۇ. لېكىن پۇقرالارنى قانداق قىلىپ يېزا بازارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىنىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇ مەسىلىنىڭ يادروسى. ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەق ئېلىش شەكلى ئوخشاش ئەمەس، دورا باھاسى ئوخشاش ئەمەس، بىمارلار چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالانغاندا چىقىمى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئىرزات زادە مۇنداق دېدى: بىز يېزا بازارلىق شىپاخانىلاردا دورىلارغا تەننەرخىنى قوشمىدۇق،ھازىر 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار، ناھىيەلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلاردىمۇ شۇنداق. بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش جەھەتتە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى ۋە شىپاخانىلار، يېزا بازارلىق شىپاخانىلارغا بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلەت سېلىنمىنى ناھايىتى ياخشى سالدى. يېزا بازار شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ تولۇقلىما بېرىش سالمىقى ئىنتايىن زور. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەھەللىلەر،يېزا بازاردا يېنىك كېسەللەرنى داۋالاتسا پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر