باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2016.03.11 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، زاڭزۇ، موڭغۇل، تۇزۇ مىللىتىدىن بولغان ئۈچ ۋەكىل باش شۇجىغا ئاپپاق خادا سوۋغا قىلىپ، چىڭخەيدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. باش شۇجى ئۇلار ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت تىلەپ سالام يوللىدى. يىغىندا لو خۇينىڭ، خاۋ پېڭ، نياڭ ماۋشيەن، بى شېڭجۇڭ، بەي شيۇخۇا، نىماجوما، خەن يۇڭدۇڭ، ۋاڭ شياۋ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈچ دەريانى مەنبە قىلغان دۆلەت باغچىسىنى قۇرۇش، يېشىل ، ماس تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، داۋالىنىش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-يېزا مائارىپىدىكى ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە خاتىرە قالدۇرۇپ، پات - پات سوئال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ سۇبيېكتلىق ئىقتىدارلىق رايون پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىكى باشلامچى رايون قۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردىكى رايون، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئىلغار رايون قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھېچقانداق نەرسە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، بۇ ئىشتا بىخۇدلۇق قىلساق، كېيىن ئورنىغا كەلتۈرەلمەيمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا، جەزمەن ئومۇمىيەت قارىشى، كەلگۈسى قارىشى ۋە پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، جېنىمىزنى قوغدىغانداق قوغداپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئۈچ دەريانى مەنبە قىلغان دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، مۇھىتنى تۈزەش، گۈزەل شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، چىڭخەينى گۈزەل جۇڭگونىڭ جەلپكار ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، غەلىبە قازىنىدىغان مەزگىل، شۇڭا جەزمەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، سالماقنى ئاشۇرۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نامراتلارنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ تاشلاش كېرەك. نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، جەزمەن تۈجۈپىلەپ يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇپ، ئائىلە ۋە ئادەمگىچە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇپ، «نامراتلىق يىلتىزى» نى دەل تېپىپ چىقىپ، نىشاننى توغرا نىشانلاش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تۈگىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ سىجىللىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۆپ مىللەتلىك بولۇش ئېلىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئېلىمىز تەرەققىياتىغا پايدىلىق چوڭ ئامىل. مىللىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، مىللىي رايونلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا مايىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى سىغدۇرۇپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلاشتۇرۇپ، ئىناق-ئىتتىپاق قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

   لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ شۆھرەت زاكىر، ۋۇ گاڭ، ليۇ شىنچى، مەمەت ئىبراھىم مەمتىمىن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇردىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. مەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق ياقىلايمەن. شىنجاڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەلىپىگە ماس كېلىدىغان كەسىپ ئۆزگەرتىشنى پائال قوبۇل قىلىپ، بايلىقتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق مەركىزىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئامما ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى تۈرلۈك چارە تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ بۇ «جان تومۇرى»نى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىش، دىن ئىناقلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ، گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ دېجياڭ شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ دېجياڭ ۋاڭ رۇلىن، لى شياۋپېڭ، شېن جىلەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقى ۋە نازارەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. جاڭ دېجياڭ: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ چىشەن جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ چىشەن شى تەيفېڭ، شىن دىڭيۈ، جۇ كېجياڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، چوقۇم ئىلمىي روھنى تۇرغۇزۇپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمغا ئەمەل قىلىش كېرەك. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، ئېغىر بەدەل تۆلەيمىز. مەركەزنىڭ تەلىپىنى شۇ رايون، تارماقنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن باغلاپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدىغانلا بولساق، بايقىغىلى، ئىجاد قىلغىلى، ياراتقىلى، ئالغا باسقىلى بولىدۇ.

  جاڭ گاۋلى شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ گاۋلى چېڭ چۈەنگو، لوساڭجاڭسۇن، سىۋاڭرېنزېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ گاۋلى شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەش بىر گەۋدە قىلىنغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما ۋە «تۆت ئومۇمەن» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم چېگرانى ئىدارە قىلىش، چېگرانى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن شىزاڭنى مۇقىم قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش مۇھىم پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە، شىزاڭچە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ياخشى ئىشلەش؛ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش؛ گۈزەل شىزاڭ قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش؛ «كونا شىزاڭ روھى»، «ئىككى يول روھى» نى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، جان - دىل بىلەن شىزاڭلىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  قاراپ چىقىشقا ما كەي، لى يۈەنچاۋ، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر