باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى 30 مىليونغا يېقىن كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن

2016.03.13 13:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر ئېلىمىزدىكى 70 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇس ئىچىدە 30 مىليونغا يېقىن كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن. ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىش نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇغا ئايلانماقتا. بۇ توسالغۇنى قانداق قىلىپ سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئاممىنىڭ تەڭ قەدەمدە ھاللىنىشىغا ياردەم بېرىش بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر ئەزالارنىڭ مۇھاكىمە قىلغان قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  30مىليونغا يېقىن كىشى نېمىشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى قىيىنچىلىق زادى قەيەردە؟ ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئاساسلىقى ھازىر ئېلىمىز يېزىلىرىدا داۋالاش كاپالىتى ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش تۈزۈمى تېخى مۇكەممەللەشمىگەنلىكىدىن بولدى. بۇ يېزىلارنىڭ داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ چەكلىكلىكى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش ئەمەلىي ئاتچوت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

  ئېغىر كېسەلدىن ئىبارەت بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلاش توغرىسىدا ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ھازىرقى يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ بېرىش خىزمىتى ئاساسىدا داۋالاش ئارقىلىق يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى توغرا پەرق ئېتىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلسا دەپ تەكلىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر