باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل فۇ چۈنلى: پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى كەسىپ، باسقۇچقا بۆلۈش كېرەك

2016.03.13 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فۇ چۈنلى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلام دۇچ كەلگەن «ياشانغانلار پېنسىيەگە چىقالماسلىق، ياشلار كىرەلمەسلىك»تىن ئىبارەت ئەمەلىي مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى بىراقلا يولغا قويماسلىق كېرەك دېدى.

  فۇ چۈنلى مۇنداق تەكلىپ بەردى: پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى كەسىپ، باسقۇچقا بۆلۈش، مۇھىمى ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ، خىزمەت، ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلىش لازىم. بەزى كەسىپلەردە پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ، بەزى كەسىپلەردە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە ئالدى بىلەن سىزنىڭ تېنىڭىز ساغلام بولۇشى كېرەك، «ساغلام جۇڭگو»، «13-بەش يىللىق پىلان» ئىچىدە ياخشى ئىجرا قىلىش، ھەر بىر پۇقرا ناھايىتى ساغلام بولۇشى، ساپاسىمۇ ئۆسۈشى لازىم، ئاندىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىش لايىھەسىنى قەدەممۇ-قەدەم يولغا قويغاندا، پۇقرالار قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر