باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق پۇختىلاپ، ئۆي قەرزى سىياسىتىنى ئەھۋالغا قاراپ يولغا قويىدۇ

2016.03.13 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى 12-مارت بېيجىڭ مېدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن، مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن يى گاڭ، پەن گۇڭشېڭ، فەن يىفېيلار «پۇل سىياسىتى تەڭشىلەمدۇ-يوق»، «ئۆيگە ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇلغا قانداق قاراش كېرەك»، «ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. جۇ شياۋچۈەن پۇل سىياسىتى بوشىتىشقا قاراپ يۈزلىنەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئەگەر خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە داۋالغۇشى بولمىسا، ئېلىمىز بىر قەدەر پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاشۇرۇش نىشانىنى زىيادە پۇل سىياسىتى بىلەن قوزغىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرمايدۇ.

  پەن گۇڭشېڭ ئۆي قەرزى سىياسىتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو سودا بانكىسىنىڭ ئۆي مۈلۈك قەرزى، شەخسلەر ئۆي قەرزىنىڭ پۈتكۈل قەرزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %14، سۈپەتسىز قەرز نىسبىتى %0.38 بولۇپ، پۈتكۈل بانكىچىلىقىنىڭ %1.7 ئەتراپىدىكى سۈپەتسىز قەرز نىسبىتىدىن تۆۋەن. ئالدىن تۆلىنىدىغان ئۆي پۇلىدىن قارىغاندا، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى %20 لىك ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تۆلەش نىسبىتىنى خەلقئارا بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىر قەدەر ئېھتىياتچان بولدۇق. 1-ئايدىكى تۇنجى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن پۇل تۆلەش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك %35 تىن يۇقىرى، 2-يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن پۇل تۆلەش نىسبىتى بولسا %40 تىن يۇقىرى بولدى. مەركىزىي بانكا ئەھۋالغا قاراپ يولغا قويىدۇ، مەسىلەن: ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش 1-سەپتىكى بىر نەچچە شەھەر ئەسلىدىكى سىياسەتنى قەتئىي يولغا قويدى؛ بازارنىڭ تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشتە، سودا بانكىلىرى ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلىدى؛ ئۆي پۇل مۇئامىلىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېھتىيات بىلەن باشقۇرۇلدى.

  جۇ شياۋچۈەن ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: كەسىپنى تەلەپچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى جەمئىيىتى بىر مەزگىل تەييارلىق قىلدى، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرمۇ بارلىققا كەلدى. بۇلتۇر چىقىرىلغان ئالاقىدار ھۆججەتلەر تېخى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمەي تۇرۇپلا، يەنە يېڭى خىرىس پەيدا بولدى. ئىنتېرنېتمۇ ئۆزىنى تەلەپچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، شۇڭا ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى جەمئىيىتىنى قۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر