باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل شۆھرەت زاكىر: 13-بەش يىلدا شىنجاڭ ئىككى مىليون 261 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىدۇ

2016.03.13 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر مىللەت ئاممىسىغا رازى بولىدىغان جاۋاب بەردى. كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى، بولۇپمۇ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى يىلىغا %13 ئەتراپىدا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزدى.

  2020-يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش-شىنجاڭدىكى ئىككى مىليون 610 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسنىڭ %83 نى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈرەش مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. شۆھرەت زاكىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بىز ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت، كەسىپ جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىمىز، بولۇپمۇ سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز بۇ يىل يەتتە نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئالدى بىلەن چۆرۈپ تاشلاش، 810 نامرات كەنتتە ئالدى بىلەن نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا كۈچەپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر