باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى خەيرى ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىگە بىر تۇتاش قاراپ چىقتى

2016.03.13 13:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى تۈنۈگۈن ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، خەيرى ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىنى بىر تۇتاش قاراپ چىقتى. قانۇن كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئەدلىيە كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11-مارت ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى خەيرى ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: خەيرى ساخاۋەت قانۇنىنى تۈزۈش يېتەكچى ئىدىيەسى ئېنىق، خىزمەت تەپەككۇرى ئوچۇق بوپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، خەيرى ساخاۋەت تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش-خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. خەيرى ساخاۋەت قانۇن لايىھەسىدە نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ خەيرى ساخاۋەت ساھەسى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە توپلاش، ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە بىر قەدەر سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. لايىھە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئىككى قېتىم قاراپ چىقىشى ۋە قايتا قايتا تەتقىق قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ئارقىلىق، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىنى بىر قەدەر ياخشى قوبۇل قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى. بۇ قېتىم يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىشقا سۇنۇش تەكلىپى بېرىلدى. ۋەكىللەر يەنە لايىھە توغرىسىدا بەزى كونكرېت تۈزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر