باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 80 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ

ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى قوش تاللاش بويىچە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

2016.03.16 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە قوش تاللاش بويىچە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى 12-مارت شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 80 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان بولۇپ، مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە 120دىن كۆپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 4000دىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 5000دىن كۆپ ئوقۇغۇچى پائالىيەتكە قاتناشقان.

  ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال ۋە ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، بىڭتۈەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئۆرلىگەن بولۇپ، 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 75 مىڭ 700 بولۇپ، يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.57 بولغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر