باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5000 كىلومېتر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش پىلانلاندى

2016.03.16 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15- مارت ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا 5000 كىلومېتر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە داۋاملىق ياساش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 800 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 1600 كەنتتىكى كەنت دەرىجىلىك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تاشيول قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدىكەن؛ 40 يېزا-بازار، 300 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىپ، 1 مىليون 50 مىڭ دېھقان-چارۋىچى ئامما بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيول باشقارمىسى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى راۋانلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىققان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خوتەن قاتارلىق رايونلاردا كۈچەپ «تۆتتە ياخشى يېزا تاشيولى» ئۆلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە 2016-يىل يېزا تاشيول تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىزىملىكىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ۋېۋىسكا ئىسىپ نازارەت قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر