باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جونسون كابىنېتنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنى قوللىشىنى دەۋەت قىلدى

2016.03.01 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە تاراتقۇسىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى جونسون شۇ يەر ۋاقتى 27-فېۋرال تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مىنىستىرلارنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنى قوللاش تەرەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ، باش ۋەزىر قوشۇمچە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كامېروننىڭ مەيدانىغا يەنە بىر قېتىم قارشى تۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە جونسون مۇنداق دېگەن: مەن كابىنېتتىكى كۆپ سانلىق مىنىستىرلارنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلار 23-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشىنى قوللاشقا مايىل. بۇندىن باشقا جونسون يەنە تايمىس گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرسە ئاخىرقى سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇپ، ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قالىدىغان تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ دېگەن قاراشقا رەددىيە بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر