باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋروف: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ھەربىي ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك

2016.03.01 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي 28-فېۋرال تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە مەسىلىسى ۋە چاۋشيەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى. بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېلېفوندا سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ: سۇرىيەدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئومۇملىقىنى تەكىتلىگەن. ئىككى تەرەپ يەنە تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىدى دېگەن خەۋەرلەرنى تارقاتقانلىقىغا رۇخسەت قىلماسلىققا بىردەك قوشۇلغان. چاۋشيەن مەسىلىسىگە قارىتا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەننى جازالاش ھەققىدىكى يېڭى قارار لايىھەسىنى تاماملاش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ داۋاملىق مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر